ئەردوغان گېرمانىيەگە يېتىپ باردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيەگە يېتىپ باردى.

1057765
ئەردوغان گېرمانىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەدىكى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، گېرمانىيەدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى ئەتە باشلىنىدۇ. ئۇ ئەتە گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېئىنمېئىئېر تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ قارشى ئېلىنىدۇ.

ئەردوغان مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشىدۇ. مېركىل بىلەن ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشىدا نۇقتىلىق ھالدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، مۇداپىئە سانائىتى ۋە قاتناش قۇرۇلۇشلىرىغا ئالاقىدار پىلان – لايىھەلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئارقىدىن ئەردوغان بىلەن مېركېل قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە كۆلندە بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان تۈركلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە دىنىي ئىشلار تۈرك – ئىسلام بىرلىكى مەركىزىي جامەسىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كېسىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر