ياپونىيە خانىشى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىىنى كەزدى

ياپونىيە خانىشى ئاكىكو مىكاسا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتۈركنىڭ جەسىتى بولغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى كەزدى.

1046699
ياپونىيە خانىشى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىىنى كەزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ياپونىيە خانىشى ئاكىكو مىكاسا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتۈركنىڭ جەسىتى بولغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى كەزدى.

خانىش ئاكىكو ئارقىدىن تۈرك-ياپون مەدەنىيەت مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئاكىكو ئاتىسى تاكاخىكونىڭ ۋەقپىسىگە تەۋە باغچىغا 1993-تىكىلگەن دەرەخنىڭ قېشىدىكى يەرگە تۈرك-يايون ۋەقپىسى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرە كۆچىتى تىكتى.

«خان مىكاسا ۋەقپىسى»نىڭ سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتى ساكىب سابانجى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن خانىش، تۈرك-ياپون ۋەقپىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ۋەقپە زىيارىتىدىن كېيىن كىرشەھىرگە بارىدىغان خانىش ئاكىكو مىكاسا، كامان كالەھۆيۈكتىكى ياپون ئانادولۇ ئارخىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

تۈركىيەگە تۈنۈگۈن كەلگەن خانىش ئاكىكو، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئسىتانبۇلدىكى يىلدىز سارىيى مابەين سارىيىدا قوبۇل قىلىنغانىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغان خانىش ئاكىكونىڭ تۈركىيە زىيارىتى 14-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر