چاۋۇشئوغلۇ: ھۇجۇمنىڭ خاتالىقىنى رۇسىيەگە بىلدۈردۇق

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى رۇسىيەگە بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1043981
چاۋۇشئوغلۇ: ھۇجۇمنىڭ خاتالىقىنى رۇسىيەگە بىلدۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىر كېيىنچە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىدلىب رايونىغا ئۇدا ئىككى كۈندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ بۇ يەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جۈمە كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇملارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى رۇس كەسپداشلىرىغا بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ''ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنى قوغداش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.''

مېھمان مىنىستىر مائاس بولسا تۈركىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ھەقلىق دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تېھران باشلىقلار يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىنغا ساھابخانىلىق قىلىدىغان دۆلەت ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر