تۈركىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاۋۇماقتا
تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ سانىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاۋۇماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/679f/b8a2/c0c1/5b8f939d7c19b.jpg?time=1719256691)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە كۆچكەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %22.4 ئاشتى.
تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى بۇلتۇرقى «خەلقئارا كۆچ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرى»نى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەگە كۆچكەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %22.4 ئېشىپ 466مىڭ 333 كىشى بولغان ۋە بۇلارنىڭ %53.2نى ئەرلەر، %47.7سىنى ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن.
بۇلتۇر تۈركىيەگە كۆچكەنلەرنىڭ يېشى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا 25ياشتىن 29 ياشقىچە بولغانلار %12.3نى، 20ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار %11.6نى، 30ياشتىن 34 ياشقىچە بولغانلار %10.8نى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئىستانبۇلغا بۇلتۇر 166مىڭ 44 كۆچمەن، ئەنقەرەگە 46مىڭ 475 كۆچمەن، ئانتالىيەگە 21888 كۆچمەن، ئىزمىرغا 12310 كۆچمەن، بۇرساغا 11191 كۆچمەن ئولتۇراقلاشقان.
بۇلتۇر تۈركىيەگە كۆچكەن چەت ئەللىكلەر ئىچىدە ئىراقلىقلار %26.6نى، ئافغانىستانلىقلار %10.4نى، سۈرىيەلىكلەر %7.7نى، ئەزەربەيجانلىقلار %5.7، تۈركمەنىستانلىقلار %5.6 تەشكىل قىلىدىكەن.