ئەنقەرە - بېرلىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشقا تەييارلانماقتا

ئەنقەرە – بېرلىن لىنىيەسىدىكى قويۇق دىپلوماتىك بېرىش – كېلىشلەر بۇ ھەپتە باشلىنىدۇ؛ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، 5-، 6 – سېنتەبىردە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1042212
ئەنقەرە - بېرلىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقمۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەگە بېرىپ پىرېزىدېنت فىرانك ۋولتېر ستېئىنمېئېر ۋە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىساد، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر