چاۋۇشئوغلۇ: كوۋبوي فىلىملىرىگە ئوخشاش <خالىغىنىمنى قىلىمەن> دېسە، جاۋابى بولىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «تەھدىت خاراكتېرلىك گەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىش لازىم. كوۋبوي فىلىملىرىگە ئوخشاش دېسە، ئۇنىڭ جاۋابى بولىدۇ» دېدى.

1039131
چاۋۇشئوغلۇ: كوۋبوي فىلىملىرىگە ئوخشاش <خالىغىنىمنى قىلىمەن> دېسە، جاۋابى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىناس لىنكېۋىجىيۇس بىلەن كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ: «كونگرە ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى مۇھىم. مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كونگرە ئەزالىرى بار. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دىيالوگنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن < S-400 > ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىنى ئامېرىكانىڭ مەمنۇنسىزلىق بىلەن قارشى ئالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەمدى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەھدىت خاراكتېرلىك گەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىش لازىم. تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىغا جىددىي ئېھتىياجى بار. دەسلەپتە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەلەپ قىلدۇق، بۇ دۆلەتلەر بىزگە سېتىپ بەرمىدى ياكى سېتىپ بېرىشنى خالىمىدى. تۈركىيەنىڭمۇ بۇ ساھەدە جىددىي ئېھتىياجى بار. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ھازىر جىددىي ئېھتىياجىمىزنى قامدايدىغان ئىتتىپاقداشلىرىمىز يوق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان «F-35» ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قارشى ئامېرىكادىن چىقىۋاتقان سادالار توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز <F-35> لايىھەسىنىڭ شېرىكى. مەن خالىسام تۈركىيە شېرىكلىكتىن چىقىدۇ دەپ، كوۋبوي فىلىملىرىگە ئوخشاش خالىغىنىمنى قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ جاۋابى بولىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى توغرىسىدا بولسا، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئادىل بولمىغان قارارىغا قېتىلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىجابىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ياكى ئامېرىكاغا قارىتا بولغان ئەمەس. تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر