ئەردوغان ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7 – سېنتەبىردە ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1038280
ئەردوغان ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراندىكى زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشتا، ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۈچ لىدىرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى ئۆتكەن يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە، ئىككىنچى قېتىملىقى بۇ يىل 3 – ئاپرېلدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر