چاۋۇشئوغلۇ كوسىئاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوسىئاس بىلەن گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېناغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1018224
چاۋۇشئوغلۇ كوسىئاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېك مەنسەپدېشى كوسىئاسقا ئوت ئاپىتىدىن قايغۇرغانلىقىنى يەتكۈزدى ۋە ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېناغا يېقىن دالادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىغىچە كېڭىيىشى نەتىجىسىدە 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر