چاۋۇشئوغلۇ زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1009692
چاۋۇشئوغلۇ زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنى قايتىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلىدى.

ئىككى مىنىستىر تېلېفون سۆھبىتىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىشارەت قىلىپ، ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ رايون ۋە خەلقئارانىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە كۈچەيتىلىشىنى كۆزلىگەن ھالدا، ئورتاق مەنپەئەتلەرنى بويلاپ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر