ئەردوغان نېتانياھۇغا «قوللىرىڭدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بار» دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزى توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئاساسسىز ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا رەددىيە قايتۇردى.

971936
ئەردوغان نېتانياھۇغا «قوللىرىڭدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بار» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزى توغرىسىدا تىۋىتتېردا ئاساسسىز ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا «قوللىرىڭدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بار» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تىۋىتتېر ئارقىلىق تارقىتىپ، نېتانياھۇنىڭ مۇداپىئەسىز بىر خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى.

ئەردوغاننىڭ «ئۆلتۈرۈشنى ياخشى بىلىدۇ» دېگەن نېتانياھۇغا قارشى يازغان ئىنگلىزچە ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى «نېتانياھۇ، مۇداپىئەسىز بىر خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىدۇر. نېتانياھۇنىڭ قولىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بار ۋە بۇنى تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يوشۇرالمايدۇ. ئىنسانلىق توغرىسىدا دەرس ئېلىشنى خالامسەن؟ 10 ماددىنى ئوقۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر