ئىراقنىڭ ئاۋاشىن-باسيان رايونى بومباردىمان قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن-باسيان رايونىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.
958109
![ئىراقنىڭ ئاۋاشىن-باسيان رايونى بومباردىمان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3e6b/f4e1/3deb/5ae01ead7ee0e.jpg?time=1719320601)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن (24-ئاپرېل) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن-باسيان رايونىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بومباردىماندا 10 تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.