«ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا يول قويمايمىز»

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

948745
«ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇلۇسى ئاقار گۆلجۈك ۋە گەلىبولۇ رايونلىرىدا قىسىملار ۋە ئىشتابلارنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوماندانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

بۇ يەرلەردە قوماندانلارغا بىرقاتار يوليورۇقلارنى بەرگەن ئاقار، بايانات ئېلان  قىلىپ، ئەگە دېڭىزى ۋە  شەرقىي ئاقدېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەگەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئاقار، بۇ دائىرىدە ئەگە دېڭىزىنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دېڭىزىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ياخشى نىيەتتە ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزىز خەلقىنىڭ چىن سۆيگۈسى ۋە ئىشەنچىسىدىن ئۇزۇقلانغان مىسلىسىز كۈچىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش يولىدا داۋاملىق  كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاقار، بۇنىڭ ئۈچۈن چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، چېگرا ئاتلاپ، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدىن 370 كىلومېتىرغىچە بولغان جايلارنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئارمىيەمىزنىڭ <ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىسادىي رايونى > دەپ ئاتالغان دېڭىز ساھەسىدە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالغان ھالدا ئورۇنلىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر