ئافرىن رايونىدا ئۇجۇقتۇۇرلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2295 كە يەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2295 كە يەتتى.
![ئافرىن رايونىدا ئۇجۇقتۇۇرلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2295 كە يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c814/4b4a/8312/5a98f667cd4f4.jpg?time=1719278395)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د- ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىدىن يەنە 73 ى بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان 20 – يانۋاردىن بۇيان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2295 كە يەتكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا « ATAK» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، « ATAK» ناملىق مىللىي ۋە يەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانلار «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىدە مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د- ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.