ئەردوغان ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 26 – فېۋرالدىن 2 – مارتقىچە ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
913643
![ئەردوغان ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/13ae/bc0b/3c0d/590adf3c013d6.jpg?time=1719343175)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغاننىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان، ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە، سېنېگال ۋە مالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 5 كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى» مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدۇ.