ئافرىندا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 1439 يەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 1439 يەتتى.
909524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتابى، ئافرىن رايونىدا پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقۇتۇش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20 – يانۋاردا باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن قۇرۇغلۇق ۋە ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى 70 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە ھەرىكەت باشلانغان كۈندىن تارتىپ، بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 1439 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.