ئافرىندا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 394 كە يەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ 394 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى.
![ئافرىندا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 394 كە يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6d5b/7db2/4179/5a65bd3f0ea11.jpg?time=1719347438)
![ZEYTIN DALI OPERASYONU (26).jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/497a/318a/475a/5a65bd42c3096.jpg?time=1719347438)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەرىكەت باشلانغان 20 – يانۋاردىن بۇيان تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تېررورچىلارغا تەۋە 340 نىشاننى بىتچىت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاچاقلانغان نىشانلار ئارىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھجايلىرى، ھەربىي ئىستىھكاملىرى، قورال ئىسكىلاتلىرى، ئاپتوموبىل ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى بارلىقى ھەمدە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك دىققەت ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئېتىشىشتا، 3 ئەسكىرىمىزنىڭ شېھىت بولغانلىقى، 30 ئەسكىرىمىزنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدارلانىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا تۈركىيە ئارمىيەسى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىدىن 13 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى ۋە 24 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە بۇ يارىدارلارنىڭمۇ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ھەق – ھوقۇقلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار 1624 -(2005)، 2179 - (2004) ۋە 2178 (2014) نومۇرلۇق قارارلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدا ئۇرۇن ئالغان قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقى دائىرىسىدە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت كۆرسەتكەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكرارلاندى.