ئافرىن رايونىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرررورچىلارنىڭ سانى 343 كە يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇچۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 343 كە يەتتى.

897354
ئافرىن رايونىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرررورچىلارنىڭ سانى 343 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ھازىرغىچە 343 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان، 13 ئايروپىلان بىلەن تۈن بويى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورسىتلارغا تەۋە پاناھ جايلار، قورال - ياراق ۋە ئوق - دورا ئسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن جەمئىي 23 نىشان بىتچىت قىلىنغان. ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى» دائىرىسىدە 20 – يانۋار كۈنى سائەت 17 دە باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك  ھەم سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر