چاۋۇشئوغلۇ: رايونىمىزنى شەكىللەندۈرمەكچى بولغانلار بىلەن قىلىدىغان كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇ، ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا شەرقتە مېتىر بىلەن خەرىتە سىزغانلارنىڭ نۆۋەتتە قارشىسىدا تۈركىيەنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

896857
چاۋۇشئوغلۇ: رايونىمىزنى شەكىللەندۈرمەكچى بولغانلار بىلەن قىلىدىغان كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان چاۋۇشئوغلۇ، خەلقئارا ئىستانبۇل ئۆي جاھازلىرى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «تېررور تونى ئاستىدا رايونىمىزنى شەكىللەندۈرمەكچى بولغانلار بىلەن قىلىدىغان كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. ھازىرقى كۈچلۈك تۈركىيە، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەس، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن – ئاللاھقا شۈكرى – ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈركىيەدۇر» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىماي، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇ، «دۆلىتىمىز ناھايىتى مۇھىم ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر چېگرا سىرتى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرىمىز ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى گويا ھەربىي ھەرىكەتنى قوللاۋاتقاندەك ئېشىشنى، دوللار ۋە ياۋرو تۇراقلىقلىقىنى ساقلاشنى، ئۆسۈملەر قىسمەن بولسىمۇ تۆۋەنلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇراسىمدا، ئۆتكەن يىلى %14 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆي جاھازلىرى ساھەسىنىڭ ئۇتۇق قازانغان شىركەتلىرى مۇكاپاتلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر