قۇرۇلمىلىق تۈزۈمنىڭ كىشىلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش رولى بارمۇ؟

جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈركىيەنىڭ مىللىي كىرىمى ئالاھىدە يۇقىرى ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

890369
قۇرۇلمىلىق تۈزۈمنىڭ كىشىلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش رولى بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتۈش ھارپىسىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ سەزگۈر نۇقتىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان قۇرۇلمىلىق تۈزۈم، ماسلاشتۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ يېقىندىن بۇيان كۈنتەرتىپتىن كەڭ دائىرىدە ئورۇن ئالماقتا. ھەرقايسى ئورگانلار قايتىدىن ئىسلاھ قىلىنىدىغان بۇ باسقۇچتا، يېڭى تۈزۈمنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىنىدۇ.

 ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ ئىسلاھاتلار ۋە قايتىدىن تەڭشەش پائالىيەتلىرى ئەسلىدە قانۇننى ئىجرا قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان، قارار چىقارغۇچىلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقان ۋە كۆپ باشلىقلىق قالايمىقانچىلىقىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تامامەن بىكار قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى بىر – بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلاش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاممىباب بىر تۈزۈمگە ئۆتۈشنى نىشان قىلىدۇ.

قۇرۇلمىلىق تۈزۈمنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىنى ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي ئورگانلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەم پۈتكۈل دۆلەت ئورۇنلىرىدا ھەمدە ئىقتىسادىي ئورگانلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلار تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەڭ كۆلەملىك تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسىلەن. دۇنيا ئەللىرى ئارىسىدا كىرىم تەقسىماتىدا ئوتتۇرا ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان تۈركىيەنىڭ يېڭى تۈزۈمگە ئۆتۈش بىلەن تەڭ كىرىمى يۇقىرى ئىقتىسادىي كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟ يەنى تۈركىيەدە ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىشى  كىشىلىك كىرىمنى ئاشۇرۇشقا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ئورگانلارنى قايتىدىن تەڭشەش ئارقىلىق مەۋجۇت تۈزۈمدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغىلى بولىدىغان چارە – تەدبىرلەرنى قوللانغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ قالمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ساھەدە سۆز ساھىبى بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، تۈركىيەنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەنە شۇنداق يەر شارى خاراكتېرلىك تېز ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ئالدى بىلەن بىيۇروكراتىيەلىك توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

 تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا چىققان ھېكايىلىرىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپتۇر. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدە يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مىسالغا ئالغىنىمىزدا، ئاق پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغان چىققاندىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاشۇ ھېكايىلەرنىڭ ئاساسلىق دىنامىكىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 قۇرۇلمىلىق تۈزۈم ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھېكايىسى بولامدۇ؟

2002 – يىلى 3.500 دوللار ئارقىلىق تۆۋەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىرىمگە ئىگە ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە بۈگۈنكى كۈندە 10 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللىي كىرىمگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تەرەققىي قىلغان تۈركىيەنىڭ مىللىي كىرىمىنىڭ ئوتتۇرىچە 12 مىڭ 235 دوللاردىن ئېشىپ كېتىشىدىن قاراپ، تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە كىرىمى يۇقىرى ئىقتىسادىي كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«ئۇنداقتا، مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى قايسى؟» دەپ سورايدىغان بولساق، بۇنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ يەنە يېڭى ئىسلاھات تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا كۆرۈۋالالايمىز. ئەگەر ئىسلاھات باسقۇچىدا جىددىي قەدەم تاشلىنىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىلگەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ مىللىي كىرىمى يۇقىرى ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ شۇنچە تېزلىشىدۇ. جۈملىدىن، بۇ بىزگە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

 يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرۇلمىلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇش بىلەن تەڭ، تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئورگانلار بىخەتەر مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق ھەم دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەم ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش زېمىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ساھەدىكى نائېنىقلىقلارنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن مەلۇم سەۋىيەگە يېتىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە خەلقئارالىق سېلىنمىلارنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئىسلاھاتلار يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي كىرىمنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تېز قارارلارنى چىقىرالايدىغان مىخانىزملارغا ئىگە بولايلايدۇ. بۇ بولسا نىشانلارغا تېخىمۇ ساغلام ۋە ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن يېتىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈچتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە بۇ تۈزۈم بىلەن تەڭ يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلمىلىق تۈزۈم، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلىشىش ۋە مىللىي كىرىمى ئالاھىدە يۇقىرى ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر