ئەردوغان: بىزنىڭ سۈننىي، شىئە دەپ دىنىمىز يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان تۇنىستىن قايتىش سەپىرىدە، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلامنى پارىلاش تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختالدى.

878473
ئەردوغان: بىزنىڭ سۈننىي، شىئە دەپ دىنىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنىستىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەندە، ئۆزىنى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى» دەپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى:

«مەسىلىگە سۈننىيلىك ياكى رەھبەرلىك نۇقتىسىدىن قارىماسلىق لازىم. بىز سۈننىي. شىئە دەپ ئايرىمچىلىق قىلمايمىز، بىزنىڭ سۈننىيلىك ياكى شىئەلىك دەپ دىنىمىز يوق، بىرلا دىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسلامدۇر. ئىسلام نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىش بۇرچىمىز بار. دېمىسىمۇ بىزنى <سۈننىي>، <شىئە> دەپ پارچىلىدى، بۇ خىل ئويۇنلارغا ئالدانماسلىق ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە دىققەت قىلىش لازىم.»

ئۇ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «13-دېكابىر ئىستانبۇلدا تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئاستىدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقانلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى.

ئۇ ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قۇددۇس مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە سەزگۈر قارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالى ياخشى ئىدى. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، سەئۇدى ئەرەبىستان يىغىنغا ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشتىراك قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بەلكىم بۇ ئىش تېخىمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇددۇس ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تەشكىلات ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كۈچىگەن ھالدا تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ب د ت غا نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. دۇنيادا مۇستەقىللەر توپى بار، ئىستانبۇلدىكى يىغىنغا ئۇلارمۇ قاتناشتى، تولۇق قاتناشمىغان بولسىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قاتناشمىغانلار ناھايىتى ئاز بولدى، بىراق يىغىننى قوللىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىقتىسادى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ 2017-يىلنى %7 دىن يۇقىرى بولغان ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. زۆرۈر تېپىلسا، تۇيۇقسىز بىر كېچىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر