«مىسىردا راۋداھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر»

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ ئىسلامنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بەزى تېررورچىلارنىڭ ئىسلامنىڭ نامىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيى بولغان مەسجىدلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

854859
«مىسىردا راۋداھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ جۈمە كۈنى مىسىردا راۋداھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 305 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە 128 كىشىنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولغان تېررورچىلارنىڭ ئىسلام دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

بەكىر بوزتاغ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «تۈركىيە بۇ ۋەقە ۋەسىلىسى بىلەن ھەم مىسىر خەلقىنىڭ، ھەم مىسىر دۆلىتىنىڭ يېنىدا بولىدۇ» دېدى.

بەكىر بوزتاغ: «ئىسلامنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بەزى تېررورچىلار، ئىسلامنىڭ نامىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيى بولغان مەسجىدلەرگە ھۇجۇم قىلىپ يۈرمەكتە. بۇ ھۇجۇمنى قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر، ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. دىننىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. قۇرئاننىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر» دېدى.

تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلىگەن بەكىر بوزتاغ تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقە ۋەسىلىسى بىلەن ھەم مىسىر خەلقىنىڭ، ھەم مىسىر دۆلىتىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر