ئەردوغان ناتوغا بولغان نارازىلىقىنى بايبۇرتتىمۇ تىلغا ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بىزنى 1980 – ۋە 1990 – يىللاردىكى تۈركىيەگە ئوخشىتىپ يۈرگەنلەر ئېغىر خاتالاشقانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ» دېدى.

850541
ئەردوغان ناتوغا بولغان نارازىلىقىنى بايبۇرتتىمۇ تىلغا ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نورۋېگىيەدىكى ناتو مانىۋېرىدا يۈز بەرگەن شەرمەندىچىلىككە نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇردى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 6 – نۆۋەتلىك بايبۇرت ۋىلايەتلىك قورۇلتايىدا سۆز قىلىپ، «ناتونىڭ مانىۋېرىدا جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك بىلەن مەن ھۇجۇم نىشانى قىلىندۇق. بىر ئېغىر شەرمەندىچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولدى. ئەمدى ھەممىمىز شۇنى ئوبدان بىلىمىزكى، بۇ شەخس مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن پەقەتلا قاراۋۇللۇق قىلىپ يۈرىيدىغان تۈركىيە بولمايدۇ. بىزنى 1980 – ۋە 1990 – يىللاردىكى تۈركىيەگە ئوخشىتىپ يۈرگەنلەر ئېغىر خاتالاشقانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بايلىقىدىن  قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر