قايغۇلۇق خەۋەر... شىمالىي ئىراقتا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، شىمالىي ئىراقنىڭ زاپ رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 3 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

828278
قايغۇلۇق خەۋەر... شىمالىي ئىراقتا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، «2017 – يىلى 16 – ئۆكتەبىردە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پارتلىتىشى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئىككى قەھرىمان قوراللىق سەپدىشىمىز شېھىت بولدى، بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي ئۈچ قەھرىمان سەپدىشىمىز يارىلاندى. توقۇنۇشتىن كېيىن زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدا بۈگۈن ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە6، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق 2 بولۇپ جەمئىي 8 پ ك ك ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 16 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر