«غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تۈركىيەگە كۆنۈشتىن باشقا ئامالى يوق»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غەرب ئەللىرىگە سىگنال بېرىپ مۇنداق دېدى:  «سىلەرنىڭ كۈچلۈك تۈركىيەگە كۆنۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق.»

826664
«غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تۈركىيەگە كۆنۈشتىن باشقا ئامالى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان «ۋالىيلار يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىگە مۇھىم سىگناللارنى بەردى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ، كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ، بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك تۈركىيەنى ھەزم قىلالمايۋاتىدۇ. تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىمۇ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە، تۈركىيە نۆۋەتتە ھېچكىمگە مۇھتاج ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر