ئافغانىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 98 – يىلى ۋە تۈركىيە – ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئافغانىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 98 – يىلى ۋە تۈركىيە – ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

797194
ئافغانىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 98 – يىلى ۋە تۈركىيە – ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تېررورلۇق ۋەقەلىرى تۈپەيلى ئىزچىل تۈردە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئافغانىستان، مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيە – ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان «ئافغانىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 98 – يىلى ۋە تۈركىيە – ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

1919 – يىلى 19 – ئاۋغۇستتا مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن ئافغانىستان، قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان تېررورلۇق قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلماقتا. جۇغراپىيەلىك شەرت – شارائىتى مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىنتايىن قىيىن. شۇڭا، ئافغانىستان خەلقئارا جىنايى ئىشلار شايكىلىرى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئوچۇق بىر رايون بولۇپ كەلمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزاغا ئەللەرنىڭ 2001 – يىلىدىن بۇيانقى تېررورغا خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئافغانىستاندا، تېررور خەۋپى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. ئافغانىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى، توقۇنۇشلار توختاۋسىز داۋام قىلماقتا. دۆلەت مىقياسىدىكى 15 ۋىلايەتتە تالىبان مىلىتارىستلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

ئافغانىستاندا ئېغىرلىشىۋاتقان يوقسۇللۇق، مائارىپسىزلىق ۋە ئىشسىزلىق تەرەققىيات يولىدىكى زور توسۇقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2015 – يىلىدىن ئىلگىرى ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ %35 ى ئىشسىز ئىدى. بۇ نىسبەت 2016 – يىلىغا كەلگەندە، %40 گە چىقتى. كابۇل، ھىرات، نانگارھار، قەندىھار ۋە مەزارى شەرىف قاتارلىقلار ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. مەۋجۇت ئىشسىزلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ياشلار تەشكىل قىلماقتا. 35 مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بار ئافغانىستاندا، 20 مىليوندەك ئادەم كۈنلۈك ئوتتۇرىچە بىر يېرىم دوللار بىلەن تۇرمۇشىنى قامداشقا تىرىشماقتا.

ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دۆلەت. ھۆكۈمەت، 2001 – يىلىدىكى ئامېرىكا ئىشغالىدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشكە زور مىقداردا پۇل سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش يىلسېرى ئېشىپ ماڭماقتا. بۇ ئەھۋال، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق ياراتماقتا. ئافغانىستان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016 – يىلى 201 مىڭ گېكتار يەرگە تېرىلغان كۆكناردىن 4800 توننا ئەتراپىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىلقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئافغانىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ، ئۇلارنىڭ %40 گە يېقىنىنى ئاياللار ۋە بالىلار تەشكىل قىلماقتا. ئافغانىستان بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.

سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقتىن سىرت، ئافغانىستان بىلەن قوشنىسى پاكىستان ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرمۇ بار. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا، 19 – ئەسىردە ئەنگلىيە سىزىپ بەرگەن ئافغانىستان – پاكىستان چېگراسى مەسىلىسى ياتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە.

تۈركىيە بىلەن ئافغانىستاننىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلماقتا. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 1921 – يىلى ئورنىتىلدى. تۈرك ئەلچىخانىسى كابۇلدا ئېچىلغان تۇنجى دىپلوماتىك ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە، 1920 – 1960 – يىللار ئارىسىدىكى مەزگىلدە ئافغانىستانىڭ زامانىۋىلىشىش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. ئافغانىستاننىڭ مەمۇرىي، ھەربىي، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەھىيە دېگەندەك ئاساسلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 1932 – 1960 – يىللار ئارىسىدا تۈركىيە 212 ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئوفىتسېر ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەرنى ئافغانىستانغا ئەۋەتتى. يېقىن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، ئافغانىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرگەن چاغلارغىچە داۋاملاشتى. 1989 – يىلى سوۋېت ئىشغالىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇردى؛ مەيلى سىرتقى ئاكتىيورلار بولسۇن، مەيلى ئافغانىستاندىكى پۈتكۈل گۇرۇپپىلار بىلەن بولسۇن، ئالاقە ئورنىتىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسە قوشۇشقا تىرىشتى. تۈركىيە ھازىرمۇ ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدىكى خىزمەتلىرىنى پائال قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان سىياسىتىدە تۆت ئاساسىي ئامىل ئالدىنقى پىلاندا بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشىنى ئاساس قىلىدىغان كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇق شۇنداقلا ئاشقۇن ئېقىملاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىققا نائىل قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ نىشانلارغا ئاساسەن، تۈركىيە، مەيلى ئايرىم مەيلى ب د ت  ۋە ناتونىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق بولسۇن، ئافغانىستانغا كۈچلۈك ھەمنەپەس بولماقتا. ئافغانىستاننىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە بۇ دائىرىدە، 2007 – يىلى تۈركىيە – ئافغانىستان – پاكىستان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى مۇساپىسى ۋە 2011 – يىلى ئاسىيانىڭ قەلبى رايونى دۆلەتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىستانبۇل مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. تۈركىيەنىڭ 2004 – يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستاندا يولغا قويغان تەرەققىيات پىلانى (1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 850 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ۋە لايىھە بىلەن)، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بىر دۆلەتكە قىلغان ئەڭ زور مىقداردىكى تاشقى ياردەم پىلانلىرىنىڭ بىرىدۇر.

2016 – يىلى 4-، 5 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى چاقىرىلغان ئافغانىستان يىغىنىدا، تۈركىيە 2018 – 2020 – يىللار ئارىسىدا ئافغانىستانغا 150 مىليون دوللار قىممىتىدە تەرەققىيات ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2016 – يىلى 8-، 9 – ئىيۇل كۈنلىرى چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا بولسا، تۈركىيە يەنە 2018 – 2020 – يىللار ئارىسىدا ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە 60 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر