غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 37 مىڭ 347 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 10 ئادەم كۆپىيىپ، 37 مىڭ 347 گە يەتتى.

2153674
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 37 مىڭ 347 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 255 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 2 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 10 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 73 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 37 مىڭ 347 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 85 مىڭ 372 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر