ھۇسىيلار ئىككى پاراخوت ۋە ئامېرىكانىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار قىزىل دېڭىز ۋە ئۇممان دېڭىزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئىككى پاراخوت ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتقا ھۇجۇم قىلدى.

2153593
ھۇسىيلار ئىككى پاراخوت ۋە ئامېرىكانىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى يەھيا سېرى، ھۇسىيلارغا ئائىت «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، قىزىل دېڭىز ۋە ئۇممان دېڭىزىدا 3 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە بىر قوغلىغۇچى پاراخوتنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن، <كاپىتان پارىژ> ناملىق پاراخوتنى دېڭىز باشقۇرۇلىدىغان بومبالىرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلدۇق، ئۇممان دېڭىزىدا بولسا <Happy Condor> ناملىق پاراخوتنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلدۇق.»

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملىرى توختىتىلغان ۋە رايوندىكى قامال بىكار قىلىنغانغا قەدەر پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر