يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ

يېڭى زېلاندىيە غەززەگە  5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.

2153630
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) گە قوشۇمچە 5 مىليون دوللار بېرىدىغانلىقىنى  جاكارلىدى.

يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تولىمۇ قورقۇچلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«يېڭى زېلاندىيە غەززە خەلقىگە يېمەكلىك، مۇھىت تازىلىقى ۋە ساغلاملىق ياردىمى بېرىشى ئۈچۈن دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنى  يەنە 5 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يېڭى زېلاندىيەنىڭ رايونغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى 22 مىليون دوللارغا يېتىدۇ.»

يېڭى زېلاندىيە ئىلگىرىمۇ غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر