پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 6-ئاينىڭ 18 - ۋە 19 – كۈنلىرى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

2153707
پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 6 -ئاينىڭ 18 - ۋە 19 – كۈنلىرى بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىكەن.

پۇتىن شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 6 -ئاينىڭ 19 - ۋە 29 – كۈنلىرى ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئالدىنقى قېتىم 2000-يىلى شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر