تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسى مۇسۇلنىڭ شەنيايلا رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك لىق تېررورىستلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

786757
تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەش – ئاختۇرۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا 2 تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە بولسا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋىلىرىدىن قاچقان پ ك ك لىق 6 تېررورىست دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

ماردىننىڭ دارگەچىتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا نۇرغۇنلىرىغان پارتلاتقۇچلار ۋە ئوق – دورىلار قولغا كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر