ئەردوغان ئىيوردانيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

777128
ئەردوغان ئىيوردانيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دوھادىن ئەنقەرەگە قايتىشىدىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، مەسجىدى ئەقساغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللاردىن ئىبارەت بولغان.

قۇددۇستىكى ھەرەمى شەرىفنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىگىمۇ سەۋەب بولغان سۈركىلىشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ نارازىلىق پەيدا قىلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سۈپىتىدە پۈتكۈل دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، 1 – ئاۋغۇستتا چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر