ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارس قولتۇقى ئەللىرى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى كۇۋەيتتە ئەمىر شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن كۆرۈشتى.

776040
ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىر ئەسساباھ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەمىرلىك بۆلۈمىدە كۈتۈۋالدى. ئارقىدىن ئىككى رەھبەر ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ مەزكۇر يېپىق سۆھبەت بىر سائەت داۋاملاشتى.

كۇۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – كۇنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ۋە ساقلىنىۋاتقان ئورتاق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سەمىمىي ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق يوسۇندا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە كۈچەيتىلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ تەرىپىدىن ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە بېغىشلاپ بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى. دار سەلۋا سارىيىدىكى كەچلىك زىياپەتمۇ يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر