شىرناكتا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىرناكنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى.

760458
شىرناكتا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناكنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە ئەلمالى بازىسىغا تاماق توشۇپ ماڭغان ھەربىي ئاپتوموبىل، پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پ ك ك تېررورىستلىرى قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ ئەلمالى بازىسىغا تاماق توشۇۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىلنى يىراق مۇساپىلىق قورال بىلەن ئوققا تۇتتى. ھۇجۇمدا، ئېغىر يارىلانغان ئۈچ ئەسكەر شىرناك دۆلەتلىك دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

رايوندا تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر