ئىراقنىڭ ھاكۇرك رايونىدىن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىندى
ئىراقتىن تۈركىيەگە قىلىنغان خائىنلارچە راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.
760002
![ئىراقنىڭ ھاكۇرك رايونىدىن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7e1f/5162/5935/58f4dc90a207e.jpg?time=1719259094)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ شېمدىنلى ناھىيەسىگە ئىراقنىڭ شىمالى رايونىدىن قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.
شېمدىنلى ناھىيەسىگە قاراشلىق تەكەلى ھەربىي بازا رايونىغا ئىراقنىڭ ھاكۇرك رايونىدىن راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.
بۇ خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى شۇ ھامان تېررورچىلارنىڭ بازىلىرىنى ۋە يېقىنلىشىش يۆنىلىشىشلىرىنى ئوققا تۇتتى.