قالىن، ترامپ - ئەردوغان ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ تەپىسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

733743
قالىن، ترامپ - ئەردوغان ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىدا پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاقسارايدا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، ئىقتىساد، سودا ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم قالىن، «پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مۇزاكىرە قىلىندى» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىش جەريانىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر