ئانتاليا خىتاينىڭ خېفەي شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولدى

ئانتاليا ۋالىيسى مۇنىر قارائوغلۇ ئانتاليانىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، كۈلتۈر، ساياھەت ۋە سانائەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى شۇنداقلا سېلىنما سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

731460
ئانتاليا خىتاينىڭ خېفەي شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا خىتاينىڭ ئەنخۈي ئۆلكىسىگە قاراشلىق خېفەي شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولدى.

ئانتاليا ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خېفەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئانتاليا ۋاليسى مۇنىر قارائوغلۇ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى ۋە ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇراسىمدا ۋالىي مۇنىر قارائوغلۇ ئانتاليانىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، كۈلتۈر، ساياھەت ۋە سانائەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى شۇنداقلا سېلىنما سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيانىڭ نەق دوقمۇشىغا جايلاشقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋالىي مۇنىر قارائوغلۇ، خىتايدىن باشلىنىپ تۈركىيەدە ئاخىرلىشىدىغان قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۈستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.

قېرىنداش شەھەر كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، كۈلتۈر، سەنئەت ۋە مائارىپ ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر