ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە قايسى مۇھىم تېمىلار بار؟

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىنىڭ ئالدىغا خىتاينىڭ سۇنئىي توسالغۇلارنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

731251
ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە قايسى مۇھىم تېمىلار بار؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئالدىغا خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان گۇۋاھلىق كىنىشكىسى دېگەندەك سونئىي توسالغۇلارنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇپ خىتاي زىيارىتىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.  

خىتايغا قىلىنىۋاتقان ئېكىسپورت ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيە خىتايغا 1 مەھسۇلات ساتسا، 10 مەھسۇلات ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىق تەرىپى يوق» دېدى.  

تۈركىيە ئېكىسپورتچىلىرىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق كىنىشكىسى دېگەندەك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا رەسمىيەتلەرنى تولىمۇ ئۇزارتىۋېتىدۇ. خىتاي مەيلى يىزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بولسۇن، مەيلى ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى بولسۇن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان باشقا بارلىق مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدە سۆرەلمىلىك قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ مۇزاكىرىلىشىدىغان پۇرسەت تاپالمىغان ئىدۇق. بۇ قېتىم <پۇرسەت كەلدى> دەپ قارايمىز. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە چاقىرىلىدىغان يىغىنىمىزنىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپ ماددىسى ئېكىسپورتنىڭ ئالدىغا چىقىرىلغان ھېلىقى گۇۋاھلىق كىنىشكىسى دېگەندەك  سۇنئىي توسالغۇلار بولىدۇ» دېدى.

نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتىلدى. تۈركىيەلىك سودىگەرلەرنىڭ خىتايغا بېرىشتا ۋىزا مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ تۈركىيەگە ۋىزا قويۇشى، ئۇ يەرگە مال ئېلىش ئۈچۈن بارىدىغان ئىنسانلارنى توسقانلىقىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلىسىنى بۇرۇنلا كۈنتەرتىپىمىزگە ئالغان ئىدۇق. ئىنشائاللارھ بۇ قېتىممۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىلىرىمىزدىن بىرسى بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر