ئەردوغان: بۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي زىيارىتىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى بىريۇسسېل شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنى تەنقىد قىلىپ، كوچىلارنى پاكىز تازىلاشنىڭ غېمىنى قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

731078
ئەردوغان: بۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھەر باشلىقى يىۋان مايۇرنىڭ «ئەردوغاننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ياكى پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن باياناتىغا قارشى قاتتىق جاۋاب قايتۇردى.

ئەردوغان بېلگىيە مەسئۇللىرىنىڭ كۈچى يېتىدىغان بولسا، قېنى كەلسۇن، مەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا كېتىۋاتىمەن، ئورۇنسىز بىلجىرلاشقا ئەمەس، بۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي زىيارىتىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى ئەسەنبۇغا ئايرودورۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان 25 – مايدا بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بىريۇسسېل شەھەر باشلىقىنىڭ سۆزلىرى ئەسكەرتىلگەندە مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى:

«بىريۇسسېل شەھەر باشلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نامىدىن سۆز قىلىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بىرسىمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولسۇن. بىريۇسسېل كوچىلىرىنى قانداق تازىلاشنىڭ غېمىنى قىلسۇن. تولا چات كېرىۋالمىسۇن. بۇ ئىشلار ھەققىدە بىريۇسسېلدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر سۆز قىلسۇن. مەن نە بىريۇسسېېل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنى زىيارەت قىلغىلى بارمايمەن. نە بېلگىيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى بارمايمەن. مەن بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا بارىمەن. ھە راست، ناۋادا كۈچى يېتىدىغان بولسا، <شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا ئەردوغاننىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايمەن> دەپ بايانات ئېلان قىلسۇن. ئەگەر بېلگىيە مەسئۇللىرىنىڭ كۈچى يېتىدىغان بولسا، قېنى كەلسۇن، مەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا كېتىۋاتىمەن، ئورۇنسىز ۋالاقلاشقا ئەمەس، بۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت؟ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قاتناشمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا مەۋجۇتلۇقىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ بىز مانا بۇلارنى تىلغا ئالىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر