«سايلام ساندۇقىدىن ھەرگىزمۇ مۇستەبىت چىقمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سايلام ساندۇقىدىن ھەرگىزمۇ مۇستەبىت چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

717378
«سايلام ساندۇقىدىن ھەرگىزمۇ مۇستەبىت چىقمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قانداق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى خالايدىغانلىقىنى 1923 – يىلى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئارقىلىق بېكىتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر تۈزۈلمىنى تاللىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق تاشلانغان قەدەم پەقەت يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈمىدۇر.»

خەلق سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەرگىزمۇ مۇستەبىتلىك بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «سايلام ساندۇقىدىن ئەسلا دىكتاتور چىقمايدۇ، چۈنكى دىكتاتور دېگەن سايلام ئارقىلىق ئەمەس، قوراللىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ، تۈركىيەدە 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى غەلىبە قىلغان بولسىدى، ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتنى بىر دىكتاتور تەھدىتى قاپلاپ كەتكەن بولاتتى، ئەمما خەلقىمىز جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىنى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىش يولىنى تاللىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر