مىنىستىر چەلىك ياۋروپانىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۆمەر چەلىك بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

712052
مىنىستىر چەلىك ياۋروپانىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بەلگىلىمىلىرىنى چىڭىتقانلىقىنى، بىراق ئوخشاش خەۋپنىڭ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىن بولسا، بەلگىلىمىلىرىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر چەلىك بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان چەلىك، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چەلىك، تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋىزىنى كەچۈرۈش قىلىش مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالانغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئالاقىدار تەكلىپلىرىنىڭ ياۋروپا كېڭىشى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى بىر كومىتېتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى...

ئۇ، تېررور تەھدىتىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر