«گۈلەن كاناداغا قېچىش تەييارلىقىنى تېزلەشتۈرۈۋاتىدۇ»

ئەدلىيە مىنىستىر بەكىر بوزداغ فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ كاناداغا قېچىش تەييارلىقىنى تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

699974
«گۈلەن كاناداغا قېچىش تەييارلىقىنى تېزلەشتۈرۈۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن كېتىش تەييارلىقىنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بەكىر بوزداغ ساباھ گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ گۈلەننىڭ كاناداغا قېچىپ كېتىش ئېھتىمالى توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەكىر بوزداغ مۇنداق دېدى: «كانادادا گۈلەننىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قورۇق سېتىۋالغانلىقى، بۇ قورۇققا يۆتكىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن  گۈلەن كاناداغا يۆتكىلىش تەييارلىقلىرىنى تېزلەشتۈردى. ئۇ قەيەرگە كېتىشتىن قەتئىينەزەر تۈركىيە ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ.»

بەكىر بوزداغ ئىنگىلىزچە چىقىدىغان Daily ساباھ گېزىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تارقىتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى توغرۇلۇق توختىلىپ، بۇ ئىشنىڭ كەينىدىمۇ فەتھۇللاھچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى قەيت قىلىپ ئۆتتى: «چۈنكى ساباھ گېزىتى ئۇلارنىڭ ھەققىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ كېلىۋاتقانىدى، ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدىغان بىر ياۋروپا پارلامېنت باشلىقى بار. ئۇلار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئارقىدىن ئۇلار بىرلىشىپ تۈركىيەگە قارشى پائالىيەت قىلماقتا. ھەتتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بەزى سىياسەتچىلەرگە پۇل بېرىپ تۈركىيەنى ئەيىبلەتكۈزۈۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر