رۇتتە ئۆز دۆلىتىنى ئوسال سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويدى

ئۆمەر چەلىك، «گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ئەھىدىنامىسى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلىندى» دېدى.

690029
رۇتتە ئۆز دۆلىتىنى ئوسال سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ياۋروپادىكى بارلىق دېموكراتچىلار ۋە ئەركىنلىكنى قوللىغۇچىلارنىڭ فاشىزملىق دولقۇنىغا قارشى تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك گوللاندىيەدىكى دىپلوماتىك شەرمەندىچىلىككە ئالاقىدار تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان باياناتىدا، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتەنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇققا تەۋە بارلىق قىممەت قاراشلارنى ئاياق ئاستى قىلىپ، دۇچار بولغان نۆۋەتتىكى ناچار ۋەزىيىتىگە پەردە يېپىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقاتقا سىغىنغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇتتەنىڭ سىياسەت ۋە دېپلوماتىيە تارىخىغا ناچار بەلگىلىمىلىرى بىلەن يىزىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۆمەر چەلىك، «ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم بىر ئەزا دۆلەت باش مىنىستىرى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى توڭلىتىپ قويغان بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ئەھىدىنامىسى، گوللاندىيەدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلىندى» دېدى.

ئۆمەر چەلىك، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇچۇق ئاشكارا خەلقئارالىق ھەق – ھۇقۇق كىرىزىسى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇتتەنىڭ ئۆز دۆلىتىنى ئوسال سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر