ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورىستلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسى ۋە ھاققارىنىڭ يۈكسەكئوۋا رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ 11 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

689393
ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورىستلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۇلۇدەرە ئەتراپىدىكى ئىراق چېگرا لىنىيەسىدە مۇھاپىزەتچىلەر ۋە ئالاھىدە قىسىملار بىلەن بىرلىكتە تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ھەرىكەت جەريانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان 10 – 15 تېررورىست ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. رايونغا ئەۋەتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق تېررورىستلار تۇرۇۋاتقان جاي ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە ھازىرغىچە پ ك ك لىق 7 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى، تېررورىستلارغا ئائىت قورال – ياراغلار ۋە كۆپ ساندا تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ  ھاققارىنىڭ يۈكسەكئوۋا رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ پ ك ك لىق 4 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. تېررورىستلارغا ئائىت 2 قورال - ياراغ ئىسكىلاتى، 10 پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر