ئەردوغان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەرگە ئالاھىدە جاۋاب قايتۇردى

ئەردوغان سۆزىدە، ھەر بىر دۇئانىڭ ۋە ھەر بىر قالدۇرغان تەبرىك سۆزلەرنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئاللاھ ھەممەيلەنگە سالامەتلىك ۋە مىللىتىگە بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر نىسىپ قىلسۇن!» دېدى.

680505
ئەردوغان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەرگە ئالاھىدە جاۋاب قايتۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېۋرال ئېيىنىڭ 26 – كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى.

ئىستانبۇل خەلقى ئەردوغاننىڭ 63 ياشقا كىرگەن كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆزگىچە پائالىيەتلەردە بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى بارزانى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كىسىكلىدىكى قورۇسىدىن چىقىۋاتقان ۋاقتىدا، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قورونىڭ ئالدىغا توپلاشقان خەلق توپىنى كۆرۈپ ئاپتوموبىلىدىن چۈشتى.

خەلق ئاممىسى ئەردوغاننى قىزغىن ئالقىش بىلەن قارشى ئالدى. ئەردوغان ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.

مابەين سارىيىدىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى قارشى ئالدى. ياشلارنىڭ سۆيگۈ ئىزاھارىغا جاۋابەن ئەردوغان ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس سارايغا كىرگەندە بولسا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئىسمائىل ھەققى ئۇنال «40 ھەدىستە ئاتا – ئانا»ناملىق كىتابىنى ئەردوغانغا ھەدىيە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەچ تەرەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن كىشىلەرگە ۋىدېئولۇق تەشەككۈرلىرىنى يوللىدى.

ئەردوغان سۆزىدە، «ھەر بىر دۇئانىڭ ۋە ھەر بىر قالدۇرغان تەبرىك سۆزلىرىڭلارنىڭ قەلبىمدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن. ئاللاھ ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن! ئاللاھ ھەممەيلەنگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە مىللىتىگە بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر نىسىپ قىلسۇن! ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆمرىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە توغرا ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن! ھەممىڭلارغا چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتلىرىم بىلەن سالامىمنى يوللايمەن، ئامان بولۇڭلار!» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر