رېفېراندۇمنىڭ ۋاقتى ئېلان قىلىندى

16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش) ىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت جەدۋېلى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

672212
رېفېراندۇمنىڭ ۋاقتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشى 16-ئاپرېلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ نوپۇس كۆتىكى 10-مارت كۈنى ئېنىق بولىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكىلەر 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بولغان كۈنلەر ئارىسىدا بېلەت تاشلايدۇ. سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى 9-ئاپرېلدا باشلىنىپ، 15-ئاپرېلدا ئاخىرلىشىدۇ.

تۈركىيەدە خەلق 16-ئاپرېل ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بېلەت تاشلايدۇ. ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن تەقدىردە، پارلامېنت ئەزاسى 550 دىن 600 گە چىقىرىلىدۇ، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىش ياشى 25 تىن18گە چۈشۈرۈلىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى بەش يىلدا بىر قېتىم ئوخشاش كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغۇچىنىڭ پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر