ئەنقەرە-ۋاشىنگتون ئارىسىدا رەسمىي كۆرۈشۈش ئەمەلگە ئاشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

667575
ئەنقەرە-ۋاشىنگتون ئارىسىدا رەسمىي كۆرۈشۈش ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا تەخمىنەن 45 مىنۇت ئەتراپىدا كۆرۈشتى.

بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈش تەلىپى ئامېرىكا تەرەپتىن كەلگەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر دائىم بىر-بىرىگە ئىتتىپاقداشلىق رىشتىلىرىگە تايىنىدىغان دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى بىلدۈرۈشگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشكە قوشقان بارلىق ھەسسىسىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

دونالد ترامپنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن بىرلىكتە ئاچقان يىغىنىدىن كېيىن كۆرۈشۈشى دىققەت قوزغىدى. ئىككى رەھبەر بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ غەيرىي رەسمىي شەكىلدە كۆرشكەن بولۇپ، ئەردوغان 2016-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ترامپنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان ئىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق مەنىۋى بايلىقلار ئاساسىدا ئۇچرىشىدىغان ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر