بوزداغ: خەلق ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە ئۆزى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا قارار قىلىدۇ

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە تۈرك خەلقىنىڭ، ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە سايلاپ سايلىمايدىغانلىقىغا قارار قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

666684
بوزداغ: خەلق ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە ئۆزى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا قارار قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەكىر بوزداغ، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. «جۇمھۇر رەئىسلىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بىۋاسىتە ھالدا ھۆكۈمەتنى سايلاش ھوقۇقى بېرىلمەكتە» دېگەن بوزداغ، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە بىز سايلايمىز دېگۈچىلەر <ھەئە>؛ ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە بىز سايلىمايلى دېگۈچىلەر <ياق> دەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

مەۋجۇت پارلامېنتلىق تۈزۈمدە خەلقنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھۆكۈمەتنى سايلىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەدلىيە مىنىستىرى بوزداغ، بۇنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ خەلقنى بىۋاسىتە ھۆكۈمەتنى سايلاشقا لايىق، دەپ قارىمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر