يىلدىرىم: ئىلگىرى سۈرىيەدە بىزنى ھېسابقا قوشمىغانلار ئەمدىلىكتە دېگىنىمىزنى قىلماقتا

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئاستانەدىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىدە مۇھىم بىر ئۇتۇق قولغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

658873
يىلدىرىم: ئىلگىرى سۈرىيەدە بىزنى ھېسابقا قوشمىغانلار ئەمدىلىكتە دېگىنىمىزنى قىلماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم: «قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىدە مۇھىم بىر ئۇتۇق قولغا كەلدى» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋىلايەتلىك باشلىقلىرى يىغىنىدا  سۆز قىلىپ، «تۈركىيە رايوننىڭ كاپالىتىدۇر، دېدۇق، ئىشنى خوشنىلاردىن باشلىدۇق. رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تۈزەتتۇق، ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ شۇنداق. سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن قارار ماقۇللىدۇق. ئاستانە يىغىنىنى چاقىردۇق. ئۈچ دۆلەت پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىزمەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن خىزمەت باشلاندى. مۇھىم بىر ئۇتۇق قولغا كەلدى. ئىراقنى زىيارەت قىلدۇق. <خوشنىلارنىڭ بىر  بىرىگە ئېھتىياجى بار> دېدۇق. شۇڭا ئىراق بىلەنمۇ باشىكا، مۇسۇل مەسىلىسى ۋە پ ك ك غا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. مانا بۇ بارلىق خىزمەتلەر نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىر يىل ئىلگىرى سۈرىيەدە تۈركىيەنى ھېسابقا قوشمىغانلار ئەمدىلىكتە تۈركىيەنىڭ دېگىنىنى قىلماقتا. بۇ مىللىتىمىزنىڭ كۇچىدۇر. بۇ كۈچ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچىدىن كەلمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر