يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى سۈرىيەلىك تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى

قاھرامانماراشنىڭ تۈركئوغلۇ ناھىيەسىدىكى يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى سۈرىيەلىك تۈركمەن قېرىنداشلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ تەسەللىي بەردى.

654154
يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى سۈرىيەلىك تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى
kilis'te bir mont bir bot kampanyası.jpg
kilis bir mont bir bot kampanyası, suriyeli.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

قاھرامانماراشنىڭ تۈركئوغلۇ ناھىيەسىدىن سۈرىيەلىك تۈركمەنلەرگە 5000 ئەدىيال يوللاپ بېرىلدى.

تۈركئوغلۇ ناھىيەسى ھاكىمى ئوسمان ئوقۇمۇش بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمىدۇق. يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ كۈندىلىك خىراجەت پۇللىرىنى توپلاپ، ئەدىيال ئېلىپ بەردى. تۈركئوغلۇ ناھىيەسى تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيەچىلىرىمۇ ياردەمدە بولدى» دېدى.

ئوقۇغۇچىلار سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ تەسەللىي بەردى. 5 مىڭ ئەىديال قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرگە قاراپ يولغا چىقتى.

كىلىس ناھىيەسى بولسا، سۈرىيەلىك ئۆسمەرلەر ئۈچۈن «بىر چاپان، بىر ئاياغ» سەپەرۋەرلىكى باشلىدى. سەپەرۋەرەلىككە نۇرغۇن كىشى ھەسسە قوشتى. توپلانغان چاپان ۋە ئاياغلار سۈرىيەلىك ئۆسمۈرلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، سۈرىيەلىك 18 مىڭ ئۆسمۈر يېڭى چاپان ۋە ئاياغقا ئېرىشكەن بولدى.

ئادانانىڭ جەيھان ناھىيەسىدە ئىككى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سۈرىيەلىك 60 ئوقۇغۇچىغا ئادانا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى كىيىم – كېچەك ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر