ئەردوغان: زۇلۇمنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان يىگىتتەك مەۋجۇتلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە يېقىن باشىكا لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە رەخمەت ئېيتتى.

647055
ئەردوغان: زۇلۇمنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان يىگىتتەك مەۋجۇتلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە يېقىن باشىكا لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى ۋە: «سىلەر ئۇ يەردە ھازىر گويا زۇلۇمنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان يىگىتتەك مەۋجۇتلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالياراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغنىڭ ئىراقتىكى باشىكا لاگېرىنى زىيارەت قىلىشى جەريانىدا ھەربىي لاگېردىكى ئەسكەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان تېلېفوندا باشىكادىكى بارلىق ئەسكەرلەرنى تەبرىكلەپ، «باشىكادىكى مۇۋەپپەقىەتلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن ھالدا داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ ھەم يارىڭلار، ھەم ياردەمچىڭلار بولسۇن ئىنشائاللاھ. سىلەر ئۇ يەردە ھەقىقەتەن بىر داستان يېزىۋاتىسىلەر» دېدى. 

ئەردوغان: «سىلەر ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى قان قۇستۇرۇۋاتىسىلەر. سىلەر ھەققەتەن ئۇلاردىن ھېساب ئالدىڭلار. سۈرىيەدىكى كۈرەشتىمۇ 1300 ئەتراپىدا دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىش جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى» دېدى.

ئەردوغان ھەربىي لاگېردىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«باشىكا لاگېرىدىكى بارلىق ئەسكەرلىرىمىزگە تۈركىيەدىن ھەم ئۆز نامىمدىن، ھەم مىللىتىم نامىدىن قەلبىي ھېس – تۇيغۇلىرىم بىلەن رەخمەت ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە بەرگەن تەلىم-تەربىيەڭلار ھەم پەشمەرگە قىسىملىرى، ھەم مۇسۇلدىكى يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي ھەسسەلەرنى قوشىدۇ ۋە ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بولىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ھازىر گويا زۇلۇمنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان يىگىتتەك مەۋجۇتلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر. لاگېردا ھەربىي تەلىم بېرىۋاتقان قىسىملىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن. ھازىرغا قەدەر ئىنتايىن غەلىبە بىلەن باشىكا لاگىرىدىكى ماۋجۇتلۇق باسقۇچى داۋاملاشماقتا. ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىزنىڭ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭمۇ ئىجابىي بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئالدىم. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋاللارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىمىز ۋە رايوندا يېڭى-يېڭى تېخىمۇ خەيرىلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز ئىنشائاللاھ. مەن سىلەرنى قايتىدىن تەبرىكلەيمەن. ئىتتىپاق بولۇڭلار، باراۋەر بولۇڭلار، كۈچلۈك بولۇڭلار، قېرىنداش بولۇڭلار، ھەممىڭلار بىرلىكتە تۈركىيە بولۇڭلار!»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، باشىكادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئۇتۇفلۇق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر